ياتاقتا يالغۇز قېلىپ ناخشا ئاڭلىدىم.ناخشىلارنى ئاڭلاپ ئاڭلاپ سەن ئىنتايىن ئامراق بىر ناخشىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ناخشىارېتىمىنىڭ باشلىنىشى بىلەن. بىلىپ بىلمەي. خىياللار دېڭىزغا غەرىق بولدۇم.شۇئان پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئەسلىمە ياغلىرىدا پىژىلداپ كۆيۈپ، يۈرىكىم چېقىلغان ئەينەكتەك پارە پارە بولدى.
ئايرىلغان چاغدا ماڭا قىيالماسلىق ئىلكىدە بېقىشلىرىڭ.داداڭنىڭ مۇز باسقان چىرايى.تالاي ئەسلىمىلەرگە شاھىد بولغان ئايدىڭ كېچىلەردىكى شېرىن پاراڭلار. داداڭنىڭ ماڭا كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ ئېيتقان گەپلىرى.كۆز ئالدىمدا كىچىكلەپ كېتىپ بارغان ئاپتۇبۇس، جىگدە زارلىقتىكى.تاتلىق پىچىرلاشلار.بىچارە ئانامنىڭ بۇقۇلداپ يىغلاشلىرى.شەھلا كۆزلىرىڭ بىلەن قاراشلىرىڭ.چېقىلغان بىر سېۋەت تۇخۇم ،گاچا بولۇپ قالغان دوقمۇش ، يۈرىكىمگە مۆھۈر بولۇپ بېسىلغان گىرىس ياغلىقىڭ، ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاشلىرىڭ، بەختىمىزنى تۈزۈشىكەن بېدىلىك، سۇغا چىلىغان ساماندەك ھۆل بولۇپ كەتىكەن ياستۇقۇم، ئىسمىمىزنى ئويغان توغراق، ناتونۇش شەھەر، يىراقلاردىكى كۆزۈمگە كۆرۈنمەس تۇرمۇشۇڭ، چاچلىرىمنى ئاقارتقان قىرتاق ئۆتمۈشۈم.، خەت توشۇپ كەتىكەن قېلىن قېلىن خاتىرىلەر.، ئورۇنسىز تەگكەن بىر تەستەك.، ئەلەملىك تۇنجى تاماكا.،گىلاستەك لەۋلىرىڭ.، نۇر ئۆچىكەن كۆزلىرىم. مۇڭ باسقان سەھرايىم.، تەكەببۇر شەھەرىڭ، كۈز بولغان باھار.، كەچ بولغان كۈندۈز.، يوللىرىڭغا تىكىلىپ بېقىشلىرىم، چىرىپ كەتىكەن ۋەدىلەر، قايتىلانماس سەپەر، غەم تەملىك تۇرمۇشۇم.، ئارىلىقى ئۆلتۈرگەن ساداقەت. ھىجرانغا يەم بولغان، ۋۇجۇدۇم.، مېنى ئىزدىمىگەن سەن.، سەۋدا بولغان مەن.،
ئىشقىلىپ، ھەممە نەرسەقەلب خاتىرەمدىن.فىلىم لىنتىسىدەك قاتار قاتار ئۆتۈپ.يۈرۈكۈمدە پىچاق يامغۇرى ياغدۇردى.…
2017.3.14